قازاقىستان

مەنىسى

قازاقىستان ئورتا ئاسىيادا جايلاشقان دەۋلەت، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىزغا چىقىش يولى يوق دەۋلەت. پايتەختى ئاستانا (Astana، ئىلگىرى نۇر-سۇلتان)، ئەڭ چوڭ شەھەرى ئالماتى (Almaty). روسىيە، شەرقىي تۈركىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن چېگراداش، كاسپىي دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. رەسمىي تىللىرى قازاقچە ۋە روسچە، قازاقچە تۈرك تىل ئائىلەسىگە تەۋە. كۆپچىلىك خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. 130 دىن ئارتۇق مىللەت بىللە ياشايدۇ. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تارقالغاندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مىنېراللىق بايلىقلىرىغا بەك باي. كۆچمەن مەدەنىيەتى بىلەن مەشھۇر. دەۋلەت بايرامى: 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى (سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن كۈن)؛

ئىنگلىزچە
Kazakhstan
تۈركچە
Kazakistan
خەنزۇچە
哈萨克斯坦

لۇغەتنى كۆرۈش