قاتتىق دىسكا
مەنىسى
HDD (قاتتىق دىسكا)-- كومپيۇتېردا مەلۇمات ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، مەلۇماتلارنى مېخانىكالىق ئۇسۇلدا ئايلىنىدىغان مېتال دىسكالارغا يازىدۇ ۋە ئوقۇيدۇ. قاتتىق دىسكا ئىچىدە تېز ئايلىنىدىغان دىسكالار (platters) ۋە مەلۇمات ئوقۇش-يېزىش ئۈچۈن باشلىق (read/write head) بولىدۇ. HDD لار چوڭ ساقلاش سىغىمى، نىسبەتەن ئەرزان باھاسى بىلەن داڭلىق، لېكىن SSD (Solid State Drive) غا سېلىشتۇرغاندا سۈرئەتى سەل ئاستا بولىدۇ. "HDD" سۆزى ئىنگلىزچە Hard Disk Drive دىن كەلگەن بولۇپ، كومپيۇتېرلار، لاپتوپ(laptop) دا مەلۇمات ساقلاش ئۈچۈن كەڭ قوللىنىلىدۇ؛
- ئىنگلىزچە
- HDD (Hard Disk Drive)
- تۈركچە
- Sabit Disk
- خەنزۇچە
- 硬盘驱动器