فىلىپپىن
مەنىسى
فىلىپپىن--جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيادا جايلاشقان ئارال دەۋلەتى بولۇپ، پايتەختى مانىلا. 7000 دىن ئارتۇق ئاراللاردىن تەركىب تاپقان. 1898-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكەسىدىن، 1946-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىل بولغان. ئاھالەسى تەخمىنەن 115 مىليون، رەسمىي تىللىرى فىلىپپىن تىلى ۋە ئىنگىلىزچە. دىنى ئاساسەن خىرىستىيان (ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ خىرىستىيان دەۋلەتى). ئىقتىسادى خىزمەت سانائەتى (call center، BPO)، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكترونىكا،ساياھەتچىلىككە ئاساسلىنىدۇ. چىرايلىق ساھىللىرى، بوراكاي ۋە پالاۋان ئاراللىرى بىلەن مەشھۇر ساياھەت رايونى. فىلىپپىنلىقلار دۇنيادا ئەڭ كۆپ چەتئەلگە مېھنەت(سېستىرا) ئېكىسپورتى قىلىدىغان ئەللەردىن بىرى. سىياسى سىستېماسى پرېزىدېنتلىق جۇمھۇرىيەت؛
- ئىنگلىزچە
- Philippines / Republic of the Philippines
- تۈركچە
- Filipinler
- خەنزۇچە
- 菲律宾