رەۋان/رەۋانە
مەنىسى
؛1) راۋان ؛ ئاقىدىغان ؛ ماڭغۇچى ، كەتكۈچى ، ئۆتكۈچى؛ [رەۋان ئەيلەمەك --- ماڭدۇرماق، ئەۋەتمەك، يولغا سالماق]؛ [رەۋان ئولماق --- كەتمەك ، جۆنىمەك]؛ [سەرۋى رەۋان --- چىرايلىق ماڭىدىغان؛ بەك گۈزەل يار]؛ [رەۋان ئەتمەك ---، رەۋان قىلماق --- ئاققۇزماق]؛ 2) تېز، تېزدىن، دەرھال؛ [رەۋان بولماق --- تېز بولماق، تېز ئاتلانماق]؛ 3) جان، روھ، ھايات، مەۋجۇدىيەت؛ [رەۋان تاپماق --- جان كىرمەك، تىرىلمەك]؛ [رەۋان بەخش --- جان بېغىشلىغۇچى، روھلاندۇرغۇچى، جانلاندۇرغۇچى]؛