روبوت

مەنىسى

ROBOT-- ئەينى يىللىرى تەرجىمە قىلىنىپ «ماشىنا ئادەم» دېيىلگەن. ROBOT نى ئەڭ ياخشىسى «روبوت» دەپ ئۆز پېتى ئېلىش. «Robot» سۆزى دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا ئاساسەن ئۆز پېتى ياكى ئاۋاز تەرجىمىسى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بۇ سۆز ئاللىقاچان سىڭىپ كەتكەن. مەنا كەڭلىكى: «روبوت» دېگەن سۆز ئۆزىگە خاس بىر تۈرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مەيلى ئادەمگە ئوخشىسۇن ياكى ئوخشىمىسۇن، ئاپتوماتىك ھەرىكەت قىلىدىغان ھەر قانداق قۇرۇلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر ئۇيغۇرچىدا دەل ماس كېلىدىغان سۆز بولمىسا، ئۇلۇسلارئارالىق ئاتالغۇنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىش بىر خىل نورمال ئۇسۇل (مەسىلەن: رادىئو، تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت دېگەندەك). ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىم، ماركا ناملىرىنىڭ خىتتايچە خەتىنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلىۋالساق بولمايدۇ، شۇ پېتى ئىشلىتىمىز. مەسىلەن: 小米 نى كىچىك گۈرۈچ، تېرىق، گۈرۈچچاق دەۋالساق بولمايدۇ. شىياۋمى دەپ ئىشلىتىمىز. 快手 نى «تېز قول» دېمەيمىز.

ئىنگلىزچە
Robot
تۈركچە
robot
خەنزۇچە
机器人
لاتىنچە يېزىلىشى
ماشىنا ئادەم

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش