بىزون

مەنىسى

بىزون (ياۋاكالا)-- شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ياشايدىغان ياۋايى كالا. ئۇلار بەك چوڭ، كۈچلۈك ھايۋان بولۇپ، كەڭ مۈرىسى، قېلىن يۇڭى ۋە چوڭ بېشى بار. بىزوننىڭ ئالدى تەرەپى ئارقا تەرەپىدىن چوڭراق، ياپىلىغان يۇڭى كۆپرەك بولىدۇ. ئامېرىكا بىزونى (American Bison) تارىختا شىمالىي ئامېرىكا چۆل-باياۋانلىرىدا مىليونلىغان ساندا ياشىغان،يەرلىك ھالقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان. ياۋروپا بىزونى (European Bison) بولسا ياۋروپا ئورمانلىرىدا ياشايدۇ. ھازىر بىزونلار قوغدىلىۋاتقان ھايۋانلار قاتارىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 19-ئەسىردە ئوۋلاش تۈپەيلىدىن كەسكىن كېمەيگەنىدى، ئەمما ھازىر قوغداش تەدبىرلىرى ئارقالىق ئاستا-ئاستا كۆپىيىۋاتىدۇ. ھايۋانات تۈرى؛

ئىنگلىزچە
Bison
تۈركچە
Bizon
خەنزۇچە
野牛/美洲野牛

لۇغەتنى كۆرۈش