باش

مەنىسى

؛( باش ) [باش ئالماق -- ئايرىلماق ، ئاجرالماق]؛ [باش ئالىپ چىقماق -- ھەممە نەرسەنىڭ مەرىدىن كەچمەك]؛ [باش ئۇرماق -- پەيدا بولماق ، ۋۇجۇتقا كەلمەك]؛ [باش ئويناماق - باشنى تىكمەك، پىداكارلىق قىلماق، قۇربان بولماق]؛ [باش ئىندۈرمەك -- تەزىم قىلماق؛ قايىل بولماق]؛ [باشى بارماق (باش بارماق ) -- بېشى كەتمەك ، بېشى كېسىلمەك ، ئۆلمەك]؛ [باش تارتماق،باش چەكمەك -- باش تارتماق، بويۇن تولغىماق؛ كۆتۈرۈلمەك، يۇقارىلىماق؛ ئۈنۈپ چىقماق ، كۆكەرمەك]؛ [باش چىقارماق -- ئۆزىنى كۆرسەتمەك ، كۆرۈنمەك ، تېشىپ چىقماق؛ باش كۆتۈرۈپ يۈرمەك]؛ [باش قاچۇرماق -- ئۆزىنى تارتماق، ئۆزىنى ئايىماق،ساقلانماق]؛ [باش ئۇچۇرماق --ئۆلتۈرمەك ، بېشىنى كەسمەك]؛ [باش ئوقۇرلاماق -- ئۆلتۈرمەك]؛ [باش سوقماق -- كىرىپ كەتمەك،كىرمەك]؛ [ئالدىدا باش قويماق -- ئۆزىنى كىچىك تۇتماق ، ئىتائەت قىلماق ، ئىلتىجا قىلماق]؛ [باشىدىن چىقماق -- يادىدىن چىقماق]؛ [باشىدىن قويماق -- مەرىدىن كەچمەك، تەرك قىلماق]؛ [باشىغا يەتمەك -- ئۈستىگە كەلمەك ، ئالدىغا كەلمەك ؛ باشلىماق]؛ [باشى فەلەكدىن ئۆتمەك -- كاتتا مەرتىۋە ھاسىل قىلماق]؛ [خەتىدىن باش كۆتەرمەمەك -- (كىشىنىڭ)ئىتائىتىدە بولماق، ، سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىق]؛

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش