ئەندەلىب (بۇلبۇل)

مەنىسى

بۇلبۇل — كىچىك، گۈزەل ئاۋازلىق قۇش بولۇپ، ئۆزىنىڭ خۇش سادالىق نەغمەسى بىلەن داڭلىق. بۇ قۇش ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەتتە مۇھەببەت، گۈزەللىك ۋە سەنئەتنىڭ سىمۋولى سۈپەتىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلبۇللار كۆپىنچە ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىدا ياشايدۇ، بولۇپمۇ دەرەخلەر ۋە بۇتىلار ئاراسىدا ئۇۋا قۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەغمەسى بولۇپمۇ كېچەلىرى ياكى تاڭ سەھەردە كۈچلۈك ئاڭلىنىدۇ، شۇڭا "كېچەنىڭ نەغمەچىسى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بۇلبۇل كۆپىنچە گۈل بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىپ، ئاشىقلىق ۋە سېغىنىشنىڭ ئىپادەسى سۈپەتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەلىشېر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىدە بۇلبۇل مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى سۈپەتىدە كۆرۈلىدۇ؛ چاغاتاي لۇغەتتىكى باشقا ئاتاقلىرى: ساندۇلاچ/ساندۇۋاچ/ساندۇغاچ/ھەزاردەستان/ھەزار= بۇلبۇل؛ [بۇلبۇلى گويا--خۇشناۋا بۇلبۇل]؛ [بوستان سەرا--بوستاندا سايرىغۇچى بۇلبۇل]؛ [ئەندەلىبى نەغمە سەرا-- خۇشناۋالىق بۇلبۇل]؛ ئۇچار قانات،ھايۋانات تۈرى؛

چاغاتايچە
ئەندەلىب
ئىنگلىزچە
Nightingale
تۈركچە
Bülbül
خەنزۇچە
夜莺

لۇغەتنى كۆرۈش