ئەخلەت(چۆلپە) ساندۇقى
مەنىسى
ئەخلەت، كېرەكسىز نەرسەلەر ياكى قالدۇقلارنى يىغىش ۋە ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، كۆپىنچە مېتال ياكى پلاستىكتىن ياسالغان قاچا ياكى ساندۇق. ئۇ ئۆي، ئىشخانا، كوچا ياكى جۇغلانما ئاممىۋى جايلاردا تازىلىقنى ساقلاش ۋە ئەخلەتنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ئەخلەت ساندۇقلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە لايىھەسى ئىشلىتىلىش مەقسىتىگە ئاساسەن ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، مەسىلەن، بەزىلىرى قاپاقلىق بولۇپ، پۇراقنىڭ تارقىلىشىنى توسىدۇ، يەنە بەزىلىرى قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئايرىش ئۈچۈن خاس بۆلەكلەرگە ئىگە؛
- ئىنگلىزچە
- Trash Can
- تۈركچە
- Çöp Kutusu
- خەنزۇچە
- 垃圾箱/垃圾桶