ئىندىجىنس پىپول
مەنىسى
Indigenous People(ئىسىم ئىبارەسى، كۆپلۈك)-- بىر رايوندا ياكى دەۋلەتتە تارىختا ئىنتايىن ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى ئىپتىدائىيلىقى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان، باشقا خەلقلەر كېلىشتىن بۇرۇن ئاشۇ يەردە ماكانلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەچە ئىپتىدائىي كۈلتۈررى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتى ۋە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئىپتىدائىي ئاھالە گۇرۇھلىرىنى ياكى قەبىلەنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خەلقلەر كۆپىنچە تارىختا مۇستەملىكىچىلىك ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان. سىنونىمى: "Native inhabitants" (يەرلىك ئاھالە)، "Aboriginal people" (ئەسلىي خەلق)، "First Nations" (بىرىنچى ئۇلۇسلار - كانادا)، "Tribal people" (قەبىلە خەلقى) بولۇپ، ئانتونىمى: "Colonizers" (مۇستەملىكىچىلەر)، "Settlers" (يېڭى كېلىپ ئورۇنلاشقۇچىلار)، "Immigrants" (كۆچمەنلەر)؛
- ئىنگلىزچە
- Indigenous People
- تۈركچە
- Yerli halk
- خەنزۇچە
- 原住民, 土著