ئىشلەتكۈچى/قوللانغۇچى
مەنىسى
User(ئىسىم)--بىرەر مەھسۇلات، مۇلازىمەت، سىستېما، دېتال، پىروگرامما ياكى ئۈسكۈنەنى ئىشلىتىدىغان، قوللىنىدىغان ياكى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئاساسەن كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت، پىروگرامما يۇمشاق دېتاللىرى، ئەپلەر ۋە دىجىتال تېخنولوگىيە ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىپ، مەخسۇس تېخنىكالىق مەنانى ئىپادەلەيدۇ؛ ["كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىسى" (computer user)، "ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسى" (internet user)، "پىروگرامما ئىشلەتكۈچىسى" (software user)، "ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى" (end user)،"خېرىدار" (customer user)،"مۇلازىمەتتىن پايدىلانغۇچى" (service user)دېگەندەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ پېئىل شەكلى "Use" (ئىشلىتىش، قوللىنىش)، سۈپەت شەكلى "User-friendly" (ئىشلەتكۈچىگە قۇلاي)، باشقا ئىسىم شەكلى "Usage" (ئىشلىتىش، قوللىنىش) بولىدۇ. ئوخشاش مەنادىكى سۆزلەر "Consumer" (ئىستېمالچى)، "Client" (خېرىدار، مۇشتەرى)، "Subscriber" (مۇشتەرى، ئابۇنە) بولۇپ، ئانتونىمى: "Provider" (تەمىنلىگۈچى)، "Administrator" (مەمۇرىيەتچى) بولىدۇ؛
- ئىنگلىزچە
- User
- تۈركچە
- Kullanıcı
- خەنزۇچە
- 用户/使用者