ئىدېئولوگىيە

مەنىسى

ئىدېئولوگىيە --جەمئىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى سىستېمالىق ئىنانچ، قاراش ۋە ئىدىيەلەرنىڭ يىغىندىسى. ئىدېئولوگىيە كىشىلەرنىڭ دۇنياغا قانداق قاراشى، قانداق ھەرىكەت قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئاساسلىق تۇتۇمى. مەسىلەن، لىبېراللىق (ئەركىنلىك، شەخسىيەتنى تەكىتلەيدۇ)، كونسېرۋاتىزم (ئەنئەنىنى ساقلاش)، سوتسىياللىق، كوممۇنىزىم، فاشىزىم قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئىدېئولوگىيە سىياسى پارتىيە، دەۋلەت باشقۇرۇش، قانۇن چىقىرىش، تەلىم-تەربىيە سىستېماسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر خىل ئىدېئولوگىيە ئادالەت، تەڭلىك، ھوقۇق، ئىقتىسادىي سىستېما قاتارلىق مەسىلەلەرگە ئوخشىمىغان جاۋاب بېرىدۇ؛

ئىنگلىزچە
Ideology
تۈركچە
İdeoloji
خەنزۇچە
意识形态

لۇغەتنى كۆرۈش